قوزىلار سوۋغىسى
Qozilar Gift
قانىلىمىزغا خۇش كەلدىڭىز. قانىلىمىزدائاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بار.
1. بالىلىرىمىز ئۈچۈن: ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل
ئۆگۈنىشىگە پايدىلىق بولغان، ناخشا - قوشاقلار، بالىلار ھېكايىلىرى، تەبىئەتتىن ئۆگۈنىش، ئېلىپبە دەرسلىكى ...قاتارلىق سەرخىل مەزمۇنلار .
2. خاسىيەتلىك داستىخان سەھىپىمىز ئارقىلىق، ھەرخىل تائام، پىشۇرۇقلارنىڭ
تەييارلىنىشىنى رېتسىپلىرى بىلەن كۆپچىلىككە ئورتاقلىشىمىز.
3. تۈرلۈك ژانېردىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەر.
4. تاغدىن - باغدىن، تۇرمۇشتىن ساۋات دېگەندەك سەرخىل مەزمۇنلار.
قانىلىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرسىڭىز، ئەزا بولۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز💐
‼️ ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ قانالدىكى ھەر بىر مەزمۇننىڭ نەشىر ھوقوقى مۇشۇ قانال ئىگىسىگە تەۋە. باشقا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانالدىكى مەزمونلارنى ئۆز ئالدىغا چۈشۈرۈپ، ھەرخىل شەكىلدە تارقىتىشى چەكلىنىدۇ.
Facebook: قوزىلار سوۋغىسى
Instagram: قوزىلار سوۋغىسى
Пікірлер
❤
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ! تۇركيەدە قايسى خلدكى بۇلا. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خمر با شۇنىڭغا قىلساق قانداق بۇلدغاندۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ياخشى رەھمەت. تۈركىيەدە شۇنىڭغا ئوخشاش خېمىر بار بولسا، مېنىڭچە ياخشى بولىۋېرىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئادەتتە pie sheet دەيدىغان خېمىرلار ھەممىسىدە ياخشى چىقىدۇ. سىناپ باقارسىز.
Rahmat
Elleriniz derd görmesin, MaşAllah🥰
👏👏
❤❤❤
تۈركىيەدىكى Galeta ئۇنى دىگەن شۇمىدۇ؟؟؟
ئەسسالام. Glutenدەپ يېزىلىدۇ. Galetaدېگىنىنى توردىن ئىزدەپ باقسام بولكا، نانلارنى ئۇۋۋاق قىلىپ ئەزگەن بولكا ئۇۋىقىنى شۇنداق دەيدىكەن.
@@QozilarGift 🌹🌹🌹🌹🌹
👍👍🍁🍁🍁☝️🕋
رەھمەت
Yaponiya yaki Koriya din bashka dolatlarning Gluten uni ishlatsakmu bolamdu?
ھەئە، گىلۇتېن ئۇنى بولسا نەنىڭ بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
ئۆسۇملۇك ماينىڭ قايسىسى ئەڭ ياخشى ئىسمىنى يازسىڭىز بۇپتىكەن
ئەسسالام، ئادەتتە مايلار ئىچىدە زەيتۇن مېيىنى سالامەتلىككە ياخشى دەيدۇ. زەيتۇن مېيىدىن باشقا يەنە كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان مايلاردىن قوناق مېيى، قىچا مېيى دېگەنلەرمۇ بار. مەن ئادەتتە ياغمۇچ قىلغاندا قىچا مېيىنى ئىشلىتىمەن.
ئونۇڭدىكىن ئىلىمان چاي قۇيۇپ يۇغۇرۋالمىز دەپسىز ، مانتىنىڭ خىمىرغا چاي قۇيماس ، ئىلمان قايناق سۇ قۇيدىغۇ ، ئامال بولسا شۇلاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز ، چۇنكى سىزنىڭ چىقاغان ئۇيغۇرچە تاماقلىرڭىز گەمىمىزگە ۋەكىللىك قىلدۇ ، مانتىنىڭ خىمىزغا شىكەر سالغىننى ئاڭلاپ باخمىدىم ئەمدى بەزى يەرلەرنىڭ ئادەملىرى سىلشى مۇمكىن ، ئەمما ئىلمان چاي بىلەن خىمىز يۇغۇرمىز دىگىنىڭىز تازا تۇغرا بولمىدى ، باشقىلا راسلا چايدا خىمىز يۇغۇرۇپ قالدىغانلىرمۇ با جۇمۇ بۇنى كۇرۇپ ، ئامال بولسا تۇغرا تەلەپپۇزدا ياسساق 😊👍
خاتا ئاڭلاپ قاپسىز. ئىلمان سۇ دېدىم. خېتىڭىزنى كۆرۈپ راست شۇنداق دەپ قالدىممىكىن دەپ ۋېدىئونى قايتا كۆرۈپ باقتىم. لېكىن ئۇنداق خاتالىق سادىر بولماپتۇ.
سۇ قۇيىمىز دەپتىغۇ نىمانداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندە بىر مۇنچە پەندى نەسىيەت يىزىپ كىتىپسىز. سىز ياخشىراق گەپلەرگە دىققەت قىلىپ ئاڭلىسىڭىز بولغىدەك.
بولاق مانتىغا شىكەر قاتامدا ، ھاياتىمدا چۇڭلانىڭمۇ شىكەر سانغىننى كۇرۇپ باقماپتىمە ھەيران قالدىم
ئەسسالام، بۇرۇن بىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چوڭلار بولدۇرىدىغان خېمىر يۇغۇرغاندا ھەقىقىي خېمىر تۇرۇچنى سېلىپ خېمىر يۇغۇراتتى. ھەممە ئۆيلەردە خېمىر تۇرۇچ بولىدىغان. ھازىر بىز ئىشلىتىدىغان قۇرغاق خېمىر تۇرۇچ (dry yeast) ئەمەستى. شېكەرنى قوشقاندا بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان قۇرغاق خېمىر تۇرۇچنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسى بار. شېكەر مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغاچ، مانتىنىڭ خېمىرىنى تاتلىق قىلىپ قويمايدۇ. ئەمما يۇمشاق ياخشى چىقىرىدۇ. شېكەر قوشۇشنىڭ سەۋەبى شۇ.
💖🎉💐🎊
Allah ajringlarni barsun, heli ay bolup kaptu😍😍😍😍👍 Allah razi bolsun
رەھمەت😘😘😘
😘❤️🦜
مۇزىكىنى ئۆچۇرۋەتسىڭىز بولغىدەك
🤩❤️ Рахмят,яшисун уйгурум
خىمىر تۇرۇچ قوشماي قىلساقمۇ بولامدۇ
مەن خېمىر تۇرۇچ قوشماي قىلىپ باقمىغان. قانداق بولىدىكىن بىلمىدىم. ئەمما خېمىر تۇرۇچنى بۇ ۋېدىئودىكى ئۆلچەمدىن ئازايتىپ بىزەلام قوشۇپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
@@QozilarGift ھە ، رەھمەت
🌹
نىمىشقا ناخشا مۇزىكا يوللاپ قويۇڭلار... دىنىمىزدا ناخشا مۇزىكا ھارام تۇرسا ، ماۋزۇسى بىلەن يوللانغان نەرسە ئىككى خىل
بىز بۇرۇن ئالاقىلاشقان، ئەمما مەندە نومۇرىڭىز يوق ئىكەن
بىز بۇرۇن ئالاقىلىشىپ باقمىغان. مەندىمۇ نومۇرىڭىز يوق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بار ئىدى، مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
نورۇز مۇبارەك نورۇز كەلدى نۇرغا تولسۇن چېھىرلەر، چېچەك ئېچىپ گۈلگە تولسۇن ھەممە يەر. نورۇز ئېشى ئىچىپ ھەممە بىرلىكتە، ئەل-مەھەللە گۈللىسۇن چىن مېھىردە. دېھقىنىمنىڭ يېرى بولغاي ھوسوللۇق، باغۋىنىمنىڭ بېغى تولغاي مېۋىگە. پادىچىنىڭ پادىلىرى نەسىللىك، مول ھوسوللۇق بىر يىل بولغاي ئېلىمگە. مۇساپىرىم غېرىپلىقتىن قۇتۇلسۇن، دۈشمەن كۈنى زاۋاللىشىپ گۈم بولسۇن. ۋەتىنىم ھۆر،خەلقىم ئازاد شاد-خورام، ئەل-ۋەتىنىم زەپەر قۇچۇپ توي بولسۇن.
yahximusiz man siznig kidak kilsam nimixka hemir pixkanda mix mix bopkaldu?😭bir pixmigandak bopkaptu!发酵粉ni kaysini ixlattigiz?
ئەسسالام، مەن ئادەتتە saf instant yeast دىگەن فىرانسىيەنىڭ خالتىسى قىزىل رەڭلىكىنى ئىشلىتىمەن. ھەر نۆۋەت شۇنداق ياخشى چىقىدۇ. سىز قىلسىڭىز نىمىشقا مىش-مىش پىشىپ چىقىپ قالغاندۇ. كورىنىڭ ئوتىنى سەل تۆۋەنرەك قىلىپ قويغانسىزمۇ يا؟ يەنە بىر نۆۋەتتە پاختىدەك كۆپۈپ، ئوخشاپ چىقىشىغا تېلەكداشمەن😘
ۋە ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇدا ساقلامدۇق؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .. خانىم مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى. كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇدا بىر ھەپتە ساقلامدۇق؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۆكتاتنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ تەييارلىغان تۇنجى كۈنى تەخمىنەن 24سائەت ئەتراپىدا ئۆي تېمپىراتورىسى ھالىتىدە (كۈن چۈشمەيدىغان ئورۇنغا)قويۇپ قويۇمىز. ئاندىن توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمىدە 5كۈندىن 7كۈنگىچە قويۇپ قويساق، ئاچچىقسۇ كۆكتاتلارغا ياخشى سىڭىپ، ئىستىمال قىلساق بولغۇدەك بولۇپ پىشىدۇ. ئاندىن ئىستىمال قىلىمىز. ھەر نۆۋەت ئىستىمال قىلغاندا، ئېھتىياجىمىزغا قارىتا مۇۋاپىق مىقداردا تەخسىگە ئېلىۋېلىپ، قالغىنىنى يەنىلا توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمىدە ساقلايمىز. نورمالدا كۆكتات پىشقاندىن كېيىن بىر ھەپتىدىن 10كۈنگىچە ساقلاپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ دەيدىكەن.
@@QozilarGift سوئالىمغا جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
تۇز سالمامدۇق؟
ئەسسالام، بولاق مانتىنىڭ قىيمىسىنى ئادەتتە دورا-دەرمەك، تۇزلىرىنى تېتىتىپ قىلغاچقا خېمىرنى تۇز سالماي يۇغۇرىدىكەنمەن. ئەگەر بولاق مانتىنىڭ خېمىرىنى تۇز سېلىپ يۇغۇرماقچى بولساقمۇ تۇزنى بەكلا ئاز سېلىش لازىم. مەن پەقەتلا تۇز سالمايمەن.
Beygin paoder digen nime
ئەسسالام. ئېنگلىزچە baking powder دەيدۇ. ئانا تىلىمىزدا كۆپتۈرگۈچ دېگىنىمىز شۇ.
👍🏻🙏
Кау су деген ол қанлай қоспа ?
بۇ ئۇننى نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ
ئەسسالام. ياپونىيەدە بەزى دۇكانلاردا، تور دۇكانلىرىدىمۇ بار. باشقا دۆلەتلەردە قانداقكىن تازا بىلمەيدىكەنمەن. Gluten flour دېگەندەك نام بىلەن ئىزدىتىپ باقسىڭىز .
👍👍👍🙏
I will try this, we have Mantı in Turkey too Selam from Turkey to East Turkestan 🥰
Thanks for your selam. Have a good time😊
In uyghurche we call it bolak manta, because we use yeast to ferment it 😊do try you will love it
رەھمەت، بەك ئوخشاپتۇ
Muzikini orvwtsigiz boptikwn.
مىنىڭ 24 سانتىلىق لىسىمغا بىراقلا ھەممىنى تۈكۈپ پىشۇرسام تىشى تېز قىزىرىپ كىتىپ ئىچى خام قالدى تاشلىدىم . ئەمدى يەنە بىر قىتىمدا مەنمۇ ئىككىگە تۈكۈپ قىلىپ باقارمەن ئۇ قانداق چىقار ئەمدى بىلـمىدىم ، 230 گىرادۇستا مىنىڭ دوخوپكام بەك كۈچلۈك بوپكىتىدىكەن. .
ئەسسالام. مېنىڭ ئۇ كۈنى ئىشلەتكەن قېلىپىم 26cm×16cm لىق قېلىپتى. شۇنىڭدا ئىككى قېلىپقا بۆلگەن. دوخۇپكىلارنىڭ قىززىتىش ئەھۋالى ئوخشىمىغاچ، گىرادۇس ۋە ۋاقىتتا ئىشلىتىۋاتقان دوخۇپكىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەڭشىسەك بولىدۇ. 180دىن 230گىرادۇسقىچە ئارىلىقتا كونترۇل قىلساق مېنىڭچە ياخشى پىشىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئەگەر پىشۇرۇقنىڭ يۈزى قىزىرىپ ئىچى تېخى پىشمىغان بولسا، پىشۇرۇقنىڭ يۈزىگە ئاليۇمىن قەغەزنى يېپىپ قويۇپ تۇرۇپ داۋاملىق پىشۇرساق بولىدۇ. بۇنداق قىلساق يۈز قىسمى كۆيۈپ كەتمەيدۇ. ئىچكى قىسمىمۇ پىشىدۇ. تۆكۈلۈپ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلىنىمىز. يەنە بىر قېتىمدا ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تېلەكداشمەن.
تورت بولكىسىنى يۇقىرى بولغاندا 180گىرادۇستا پۇشىرىمىز ، دوخوپكىنىڭ ئاستى ئۈستىنى تەڭ ئاچىمىز ، ئاز بولغاندا 40-50 مىنۇت پىشۇرساق بولىدۇ، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بالىلىرىم ئۈچۈن تورت پىشۇرۇپ بىرىمەن دەپ بەك كۆپ سىناپ باققان بىر ئانا
تەجرىبىڭىزنى ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. ئائىلىلەردە قوللىنىۋاتقان دوخۇپكىلىرىمىزنىڭ ئوخشاش گىرادۇسقا تەڭشەلگەن ھالەتتىمۇ قىزىتىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولماي قالىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان دوخۇپكىمىزنىڭ ئەمىلىي قىزىتىش كۈچىگە قارىتا پىشۇرۇش گىرادۇسى ۋە ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەڭشەش قىلساق بولىدۇ.
Maşallah 💐
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ قانداق ئۇن ؟ ئاندىن بۇ ئۇن ئارقىلىق زىقلىق مىيەنجاڭ كاۋاپ قىلغىلى بۇلامدۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ بۇغداي ئۇنىنىڭ گلۇتېن(gluten) تەركىۋىنى 100پىرسەنت ئايرىپ ئىشلىگەن ئۇن يەنى بىز ئادەتتىكى ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىرنى سۇدا يۇيۇپ، يۇيۇپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان قىسمى ئەمىلىيەتتە ئۇننىڭ گلۇتېن تەركىۋىنى ئايرىغىنىمىز بولىدۇ. بۇ ئۇن باشقا تەركىب قوشۇلمىغان 100پىرسەنتلىك بۇغداي گلۇتېنى بولغاچ، سۇدا يۇيۇپ ئارتۇق تەركىبنى چىقىرىۋېتىش ھاجەتسىز. شۇڭا زىخلىق خېمىر تىرىپىى كاۋىپىنىمۇ قىلغىلى بولىدۇ. ياپونچە (小麦グルテン) دەيدۇ. ئېنگلىزچە gluten powder ياكى gluten flour دەپ ئاتىدىلىدىكەن.
@@QozilarGift رەھمەت سىزگە بەكلا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بىرىپسز تۈرۇكچە ئاتىلىشىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز بۇپتىكەن
ئەرزىمەيدۇ. تۈركچە ئاتىلىشىنى بىلمەيدىكەنمەن.
Buğday gülteni دەيدۇ تۈركچە
ماشاللاھ يەنە ساقلايمىز🌹
رەھمەت🙂
tor ning kaymi kini tep sili chi kirip koyinge jnim
بولىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا تەپسىلى چىقىرىپ قويىمەن.
قىۈك
ماشاللاھ بەك ئوخشاپتۇ يەنە ھەرخىل پۇشرۇقلارنى چىقىرشىڭىزنى ئۇمۇت قىلمىز 🌹🌹
Anatawa Nihonjin deska?
خىمتۇرۇچ دەيدۇ بولدۇرغۇچ ئەمەس
ئەسسالام. مەن بەزىدە بولدۇرغۇ، بەزىدە خېمىر تۇرۇچ دەپ ئاتايدىكەنمەن. خېمىرتۇرۇچ ئاممىباپراق ئاتىلىشىكەن. كېيىنكى ۋېدىئولاردا خېمىرتۇرۇچ دەپ ئالسام بولغۇدەك. رەھمەت.
Lengmen taza ohshapto! Rahmat! 🥰😊👌👍❣
👍🏻👍🏻
كوپ ئەجىرلىك بولۇڭ
رەھمەت بەك ئاسان ئۇسۇلكەن سىناپ باقىمەن ئېنشاللاھ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەنمۇ تەييار خىمىردا قىلىپ ،باقتىم. بەك ياخشى بولدىكەن ،بالىلىرىم بەك خوش بولدى ، قىلىپ يوق ئەخۋالدا يەنە بىرخىلى ئۇسۇلنى كورسەتكىنىڭىزگە رەھمەت