ئانا تىلىم (ئاپتورى: ئاينۇرقىز مەمتىمىن) Ana Tilim

ئانا تىلىم- تاۋۇشلىرى تېنىمنى تىترەتكەن تىل؛ تەپتىدىن تاڭ تەبەسسۇمى تەپچىرىگەن تىل، تەسەۋۋۇرۇمنى تەقدىر تانىسىدىن تارتىپ، تەدبىر تانىسىغا تاڭغان تىل، تاڭدىكى تاباندىن تەرەققىيات تامچىلىرى تامغان تىل.
ئانا تىلىم- تاۋۇشلىرىڭنى تەبىئەت تامان تاراتقىنىمدا تەكەللۇمسىزمەن، تاۋۇشلىرىڭدا تىلسىملارنى تاپقىنىمدا تەئەججۈپسىزمەن، تاۋۇشلىرىڭدا تارىخ تىۋىشلىرىڭدىن تەجرىبىلەرنى تاسقىغىنىمدا تالاپەتسىزمەن.
  ئانا تىلىم- تىلىمسىز تەندۇرۇسلىقىمدىن تەماسىزمەن، تىلىمسىز تىرىكلىكىمدىن تەمەنناسىزمەن، تىلىمسىز تائەزەل تەئەللۇقاتلىرىدىن تەرك مەن.
  ئانا تىلىم- تەرەققىيات تەكچىسىدىسەن، تارىخ تەرەققىيات تاشقىنلىرىدىن تاكاموللىقىنى تالىشىدۇ، توختاۋسىز تەر تۆككۈچىلەر تاۋلىنىپ تەڭرى تېغىدەك تىكلىشىدۇ. تاماشا تانىلىرىدا تاقلىغۇچىلار توزىغان توزغاقتەك تاشلىنىدۇ.
  ئانا تىلىم- تەرەققىياتتىكى تۇمارىمسەن، تىلسىز تەرەققىياتنى تاجلاپ تاقىۋالغان تاتىراڭغۇلارنىڭ تەكەببۇرانە تاپا-تەنىلىرىنى تىڭشىغىنىمدا تاقەتسىزلىنىمەن، تىلسىزلىق توغرىسىدىكى تەنبىھتىن تاتارغان تايىنسىزلارنى تاپقىنىمدا تەشۋىشلىنىمەن، تىلسىز تارىخ تەۋەللۇتچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا تەبەسسۇمسىزمەن.
  ئانا تىلىم- تۇرمۇش تونۇرلىرىدا تاۋلانغىنىمدا تاتلىق تەمىڭدىن تىللىرىمنى تامشىتىمەن، تائەزەلدىن تائەبەتكە تاقاشقان تەۋەككۈل تاغلىرىدا تىك-تاك توپتەك تاراقشىپ، تاراجلانغان تۇپراققا تاشلانغىنىمدا تەمكىن تىۋىشلىرىڭدىن تەسەللى تاپىمەن.
  ئانا تىلىم- تومۇرلىرىدىكى تەمكىن تۇيغۇ تەرىپىڭ تامان تىپىرلىماقتا، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىم تەمبۇرنىڭ تارىسىدىن تارالغاندەك تازالىقلارغا تولغان تاۋۇشلار تامان تىترىمەكتە.
  ئانا تىلىم- تىرىكلىكتىكى تەۋەرۇكۇمسەن، تەرەققىياتتىكى تۈۋرۈكۈمسەن.
تىلىمسىز تەنتەنە تىلىكىم تامام،
تىلىمسىز تاجۇ-تەخت تىزىقىم تامام.
تىلىمسىز تەكتسىز تالاي تەكەللۇم،
تىلىمسىز تىرىكلىك تىنىقىم تامام.

Пікірлер

    Келесі