Sayyod - Abdurehim Heyit | Uyghur song | سەيياد

Музыка

Song: Sayding qo'yaver sayyod
Lyrics: Furqat
Artist: Abdurehim Heyit
We share Uyghur folk songs and Uyghur traditional dance.
You will learn about Uyghur people and enjoy the beauty of Uyghur culture.
If you’d like to talk, we’d love to hear from you.
Please don't forget to hit the like button and subscribe to see more!
سەيدىڭ قويابەر سەيياد سەييارە ئىكەن مەندەك،
ئال دامىنى بوينىدىن بىچارە ئىكەن مەندەك،
ئۆز يارىنى تابماسدىن ئەۋۋارە ئىكەن مەندەك،
ئىقبالى نەگۈن بەختى ھەم قارە ئىكەن مەندەك،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى- باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
كەس رېشتەنىكىم قىلسۇن چەففەكلەر ئاتىب جەستە،
ھەجرىدە ئەلەم تارتىب بولدى جىگەرى خەستە،
تاغلارغە چىقىب بولسۇن يارى بىلە پەيۋەستە،
كىم قويمە بەلا دامى بىرلە ئانى پابەستە،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
بەش كۈن سېنىڭ دەۋرىڭدە بىچارە خىرام ئەتسۇن،
ئاھۇلەر ئىلە ئويناپ ئەيشىنى مۇدام ئەتسۇن،
يامغۇر سۈيى تولغەندە تاغ لالەنى جام ئەتسۇن،
ھەققىڭغە دۇئا ئەيلەب ئۆمرىنى تەمام ئەتسۇن،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
سەرگەشتە بۇ ۋادىيدە بىر باشىغە رەھىم ئەتكىل،
يوق تاقەتى بەندىڭگە بەرداشىغە رەھىم ئەتكىل،
يىغلاب سەڭا تىرمۇلۇر كۆز ياشىغە رەھىم ئەتكىل،
رەھىم ئەتمەسەڭ ئۆزىغە يولداشىغە رەھىم ئەتكىل،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
تاغدە ئاچىلىپ لالە يەر سەبزە بەھار ئولسە،
ئەخىر بۇ نېچۈك بىداد ئالەم ئەڭا تار ئولسە،
چىقماي دېسە جايىدىن ئۆزلەتتە فىگار ئولسە،
گەر چىقسە بەناگاھى دامىڭغە دۇچار ئولسە،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
بىچارەنى زۇلم ئەيلەپ قول بوينىنى باغلابسەن،
ھەر سارى چىگىب، سۆدرەب، ئۆلدۈرگەلى چاغلەپسەن،
كۆكسىنى جەفا بىرلە لالە كەبى داغلەبسەن،
سات مەڭا ئگەر قەسدىڭ ئالغۇچى سوراغلەبسەن،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
يوق ھۇشى پەرى تەككەن دىۋانەگە ئوخشايدۇر،
كۆز ياشى يەنە تولغان پەيمانەگە ئوخشايدۇر،
غەم سەلى بىلەن كۆڭلى ۋەيرانەگە ئوخشايدۇر،
فۇرقەتدە بۇ سەئىدىللا "ھەيرانە" گە ئوخشايدۇر،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى- باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك."
Seyding qoyaber seyyad seyyare iken mendek,
Al damini boynidin bichare iken mendek,
Öz yarini tabmasdin ewware iken mendek,
Iqbali negün bexti hem qare iken mendek,
Héjran oqidin jismi köp yare iken mendek,
Köygen jigeri- baghri sed pare iken mendek.
Kes réshtenikim qilsun cheffekler atib jeste,
Hejride elem tartib boldi jigeri xeste,
Taghlarghe chiqib bolsun yari bile peyweste,
Kim qoyme bela dami birle ani pabeste,
Héjran oqidin jismi köp yare iken mendek,
Köygen jigeri-baghri sed pare iken mendek.
Besh kün séning dewringde bichare xiram etsun,
Ahuler ile oynap eyshini mudam etsun,
Yamghur süyi tolghende tagh laleni jam etsun,
Heqqingghe du'a eyleb ömrini temam etsun,
Héjran oqidin jismi köp yare iken mendek,
Köygen jigeri-baghri sed pare iken mendek.
Sergeshte bu wadiyde bir bashighe rehim etkil,
Yoq taqeti bendingge berdashighe rehim etkil,
Yighlab senga tirmulur köz yashighe rehim etkil,
Rehim etmeseng özighe yoldashighe rehim etkil,
Héjran oqidin jismi köp yare iken mendek,
Köygen jigeri-baghri sed pare iken mendek.
сәйдиң қоябәр сәйяд сәйярә икән мәндәк,
ал дамини бойнидин бичарә икән мәндәк,
өз ярини табмасдин әвварә икән мәндәк,
иқбали нәгүн бәхти һәм қарә икән мәндәк,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри- бағри сәд парә икән мәндәк.
кәс рештәниким қилсун чәффәкләр атиб җәстә,
һәҗридә әләм тартиб болди җигәри хәстә,
тағларғә чиқиб болсун яри билә пәйвәстә,
ким қоймә бәла дами бирлә ани пабәстә,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри-бағри сәд парә икән мәндәк.
бәш күн сениң дәвриңдә бичарә хирам әтсун,
аһуләр илә ойнап әйшини мудам әтсун,
ямғур сүйи толғәндә тағ лаләни җам әтсун,
һәққиңғә дуа әйләб өмрини тәмам әтсун,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри-бағри сәд парә икән мәндәк.
сәргәштә бу вадийдә бир башиғә рәһим әткил,
йоқ тақәти бәндиңгә бәрдашиғә рәһим әткил,
йиғлаб сәңа тирмулур көз яшиғә рәһим әткил,
рәһим әтмәсәң өзиғә йолдашиғә рәһим әткил,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри-бағри сәд парә икән мәндәк.
тағдә ачилип лалә йәр сәбзә бәһар олсә,
әхир бу нечүк бидад аләм әңа тар олсә,
чиқмай десә җайидин өзләттә фигар олсә,
гәр чиқсә бәнагаһи дамиңғә дучар олсә,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри-бағри сәд парә икән мәндәк.
бичарәни зулм әйләп қол бойнини бағлабсән,
һәр сари чигиб, сөдрәб, өлдүргәли чағләпсән,
көксини җәфа бирлә лалә кәби дағләбсән,
сат мәңа гәр қәсдиң алғучи сорағләбсән,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри-бағри сәд парә икән мәндәк.
йоқ һуши пәри тәккән диванәгә охшайдур,
көз яши йәнә толған пәйманәгә охшайдур,
ғәм сәли билән көңли вәйранәгә охшайдур,
фурқәтдә бу сәидилла "һәйранә" гә охшайдур,
һеҗран оқидин җисми көп ярә икән мәндәк,
көйгән җигәри- бағри сәд парә икән мәндәк."

Пікірлер: 17

  • @titaima3557
    @titaima35575 жыл бұрын

    Andiryim Heyit is an amzing songwriter and singer. Millions of people worldwide loves his songs.

  • @bsavash9796
    @bsavash97965 жыл бұрын

    ياشياسيز اوستاد آللاه سيزى قوروسون.👌👌👌✌️🙏🧿😍🌹

  • @redsun3347
    @redsun33472 жыл бұрын

    Талантище дай бог здоровья ИНШАЛЛА.!🙌👏👏👌👍🏼👍🏼💞🌺🌹🥰🙏🏼

  • @faziahaddala8246
    @faziahaddala82464 жыл бұрын

    Magnificent.. i love Abdurehim Heyit..Gratitude.. God bless him.. everyone.. everywhere.. Merci ❤❤❤🦋fa

  • @odilbekb-sarkaev1052
    @odilbekb-sarkaev10524 жыл бұрын

    Sayding qoyaber sayyod Sayding qo‘yaber, sayyod, sayyora ekan mendek, Ol domini bo‘ynidin, bechora ekan mendek, O‘z yorini topmasdan ovora ekan mendek, Iqboli nigun, baxti ham qora ekan mendek, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bag‘ri sadpora ekan mendek. Kes rishtanikim, qilsun chappaklar otib jasta, Hajrida alam tortib, bo‘ldi jigari xasta. Tog‘larg‘a chiqib bo‘lsun yori bila payvasta, Kel, qo‘yma balo domi birla oni po basta, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bagri sadpora ekan mendek. Besh kun seni davringda bechora xirom etsun, Ohular ila o‘ynab, ayshini mudom etsun, Yomg‘ur suvi to‘lganda, tog‘ lolani jom etsun, Haqqingg‘a duo aylab, umrini tamom etsun, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bagri sadpora ekan mendek. Sargashta bu vodiyda bir boshig‘a rahm etkil, Yo‘q toqati bandingga, bardoshiga rahm etkil, Yig‘lab senga termulur, ko‘z yoshiga rahm etkil, Rahm etmasang o‘ziga, yo‘ldoshiga rahm etkil, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bag‘ri sadiora ekan mendek. Tog‘da ochilib lola, yer sabza bahor o‘lsa, Axir bu nechuk bedod, olam anga tor o‘lsa? Chiqmay desa joyidin, uzlatda figor o‘lsa, Gar chiqsa banogohi domeg‘a duchor o‘lsa, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bag‘ri sadpora ekan mendek. Bechorani zulm aylab, qo‘l-bo‘ynini bog‘labsan, Har sori chekib-sudrab, o‘ldirgali chog‘labsan, Ko‘ksini jafo birla lola kabi dog‘labsan, Sot menga, agar qasding olg‘uvchi so‘rog‘labsan, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bag‘ri sadpora ekan mendek. Yo‘q hushi, pari tekkan devonag‘a o‘xshaydur, Ko‘z yoshi yana to‘lgan paymonag‘a o‘xshaydur, G‘am seli bilan ko‘ngli vayronag‘a o‘xshaydur, Furqatda bu Sa’dullo hayronag‘a o‘xshaydur, Hijron o‘qidin jismi ko‘p yora ekan mendek, Kuygan jigari bag‘ri sadpora ekan mendek. Zokirjon Mullo Holmuhammad o'g'li - Furqat Qo'qon 1859- Yorkent 1909.

  • @Sulik94
    @Sulik944 жыл бұрын

    Best dutar player ever

  • @user-og6mp4jx3r
    @user-og6mp4jx3r6 жыл бұрын

    Кае будто я детство попало как приятно услишет звук дутара

  • @faziah1163
    @faziah1163 Жыл бұрын

    ALLAH BLESS YOU 💚

  • @user-lk4ie8xi4n
    @user-lk4ie8xi4n2 жыл бұрын

    هجران اوقی دن جسمی کوپ یاره ایکن مین دیک 🌺 کویگن جگر بغری مینگ پاره ایکن مین دیک🌺

  • @user-ht4gb2fw4e
    @user-ht4gb2fw4e8 жыл бұрын

    Excellent!

  • @elmulipelmulip1106
    @elmulipelmulip110610 жыл бұрын

    bu hakikatanmu shekar tillik shaer, tili ajayip guzal.bu shaer anglashlargha karighanda "guli rana"degan nahshining tekist apturi . uning yana hazirghicha eytilip kelniwatkan "chiraylik"degan nahshisi bar.

  • @sherzodkudiyarov1178
    @sherzodkudiyarov11782 жыл бұрын

    Behbudiy gazali

  • @user-td9zh8ux2j
    @user-td9zh8ux2j2 жыл бұрын

    яша уйгурим

  • @MarttiSuomivuori
    @MarttiSuomivuori3 жыл бұрын

    I like it more when the girls sing.

  • @idrakakil
    @idrakakil6 жыл бұрын

    ۇرقەت ۋە ئۇنىڭ "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" مۇسەددەسى توغىرىسىدا شائىر فۇرقەت 1858- يىلى قوقەندە تۇغۇلغان. 1889- يىلى تاشكەنتكە كېلىپ ئىككى يىل ياشىغاندىن كېيىن 1891- يىلى سەمەرقەنت ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. تۈ*ركىيە، يۇنانىستان، بولغارىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەردە بولۇپ، كېيىن ئەرەبىستان، ھېندۇستانلارغا بارغان. 1892- يىلى ياز پەسلىدە كەشمىر ئارقىلىق يەكەنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ كەشمىردە يېڭىسارلىق "ھەيرانى" تەخەللۇسلۇق شائىر موللا سەئىدۇللا بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغان. كەشمىردىن يەكەن دىيارىغا قاراپ ماڭغان سەپىرى ئۈستىدە شائىر موللا سەئىدۇللانىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ سەرگەردانلىقتا ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى، بولۇپمۇ ئەينى زامان زوراۋانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇنلۇقتا تارتقان كۈلپەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ تۇتقۇنلۇقتىكى بىچارە ھالىنى سۈرەتلەپ "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" ناملىق مۇسەددەسىنى يازغان ۋە بىللە ئوقۇشۇپ، زامان زوراۋانلىرى ئۈستىدىكى شىكايەتلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەينى ۋاقىتنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىسى ماھىرلىق بىلەن سىزىپ بېرىلگەن بۇ مۇسەددەس خاتىرىدىن- خاتىرىگە ئۆتۈپ- تېزلا تارقاپ، مەشھۇر ئەسەرگە ئايلانغان. شائىر فۇرقەت يەكەندە 17 يىل ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن شېئىرى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىن باشقا 1897- يىلى "پىسەئى ئەخبار" (ئالا- چىپار خەۋەرلەر)، 1899- يىلى "ياقۇپبەگ مەرھۇمنىڭ قولىغا چۈشكەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالاتى خۇسۇسىدا"، "قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سارىتە خەلقلىرىنىڭ زىندەگانچىلىق (تىرىكچىلىك) ئەھۋالاتلىرى خۇسۇسىدا"، ناملىق ئىجتىمائى ھاياتقا دائىر ئوبزۇرلىرى، 1905- يىلى "ھېند نەيرەڭبازى ياركەنتتە" ناملىق فىليەتۇنى، 1906- يىلى "قەۋائىدى چىن ۋە ئۇمۇراتى سىياسى" (جۇڭگۇنىڭ قائىدە- يۇسۇنلىرى ۋە سىياسى ھايات) ناملىق ئىلمى ئەسىرى، 1905- يىلى"ئىلمى ئەشئارنىڭ قائىيدەئى ئەۋزانى" (شېئىرىيەت ئىلمىنىڭ قائىدە- مېزانلىرى) ناملىق ئىلمى ئەسىرى، "توي تەۋسىپى"، "ئەزا تەۋسىپى"، "گەپ تەۋسىپى" قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىندى. شائىر قەدىمى ياركەنت دىيارىدا 17 ييل ياشاپ 1909- يىلى 9- ئايدا شۇ يەردە ۋاپات بولدى. تۆۋەندە "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" نىڭ تولۇق ۋە توغرا تېكىستى (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا) ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. سەيدىڭ قويابەر سەيياد سەييارە ئىكەن مەندەك، ئال دامىنى بوينىدىن بىچارە ئىكەن مەندەك، ئۆز يارىنى تابماسدىن ئەۋۋارە ئىكەن مەندەك، ئىقبالى نەگۈن بەختى ھەم قارە ئىكەن مەندەك، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى- باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك. كەس رېشتەنىكىم قىلسۇن چەففەكلەر ئاتىب جەستە، ھەجرىدە ئەلەم تارتىب بولدى جىگەرى خەستە، تاغلارغە چىقىب بولسۇن يارى بىلە پەيۋەستە، كىم قويمە بەلا دامى بىرلە ئانى پابەستە، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك. بەش كۈن سېنىڭ دەۋرىڭدە بىچارە خىرام ئەتسۇن، ئاھۇلەر ئىلە ئويناپ ئەيشىنى مۇدام ئەتسۇن، يامغۇر سۈيى تولغەندە تاغ لالەنى جام ئەتسۇن، ھەققىڭغە دۇئا ئەيلەب ئۆمرىنى تەمام ئەتسۇن، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك. سەرگەشتە بۇ ۋادىيدە بىر باشىغە رەھىم ئەتكىل، يوق تاقەتى بەندىڭگە بەرداشىغە رەھىم ئەتكىل، يىغلاب سەڭا تىرمۇلۇر كۆز ياشىغە رەھىم ئەتكىل، رەھىم ئەتمەسەڭ ئۆزىغە يولداشىغە رەھىم ئەتكىل، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك. تاغدە ئاچىلىپ لالە يەر سەبزە بەھار ئولسە، ئەخىر بۇ نېچۈك بىداد ئالەم ئەڭا تار ئولسە، چىقماي دېسە جايىدىن ئۆزلەتتە فىگار ئولسە، گەر چىقسە بەناگاھى دامىڭغە دۇچار ئولسە، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك. بىچارەنى زۇلم ئەيلەپ قول بوينىنى باغلابسەن، ھەر سارى چىگىب، سۆدرەب، ئۆلدۈرگەلى چاغلەپسەن، كۆكسىنى جەفا بىرلە لالە كەبى داغلەبسەن، سات مەڭا ئگەر قەسدىڭ ئالغۇچى سوراغلەبسەن، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك. يوق ھۇشى پەرى تەككەن دىۋانەگە ئوخشايدۇر، كۆز ياشى يەنە تولغان پەيمانەگە ئوخشايدۇر، غەم سەلى بىلەن كۆڭلى ۋەيرانەگە ئوخشايدۇر، فۇرقەتدە بۇ سەئىدىللا "ھەيرانە" گە ئوخشايدۇر، ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك، كۆيگەن جىگەرى- باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك." ت

  • @OFaruk58
    @OFaruk583 жыл бұрын

    IS he still alive???

  • @dbadagna

    @dbadagna

    3 жыл бұрын

    The Chinese government apparently let him out of detention briefly in early February 2020 in order that a highly monitored interview (in Chinese) might be conducted to disprove the rumors of his death. No one knows who started the rumor but the circumstances behind the aforementioned interview were very suspicious, and for all anyone knows he is in detention once again. As we all know by now, the Chinese Communist Party is not forthcoming with truthful information on this subject, and it is too dangerous for Uyghur people in Xinjiang to communicate with people on the outside, so the unfortunate answer is that those who care about your question don't know, and those who do know are without conscience, and won't share the information.