قۇرئاندىكى دوست-دۈشمەن - قۇرئاندىن نەزەر 52-سان

Ойын-сауық

#قۇرئاندىننەزەر، ##pidaiylarekrani, #eastturkistan, #uyghur, ##uyghuristan, #QurandinNezer, #KerimZahir, #AbdulazizBestograk
قۇرئاندىكى دوست-دۈشمەن مۇئامىلىسى
اللە ئۈچۈن دوست بولۇش - دۈشمەن بولۇش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلگەن «الولاء - والبراء » دېگەن نىمە؟ بۇنى قانداق چۈشەنسەك توغرا بولۇدۇ؟ قارشى پىكىردىكى، ئىتىقادتىكى، ئىجتىھاتتىكى ۋە ھەتتا باشقا دىندىكى كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك؟ قۇرئاندا بۇ ھەقتە قانداق يول-يورۇقلار بار؟ بىر قاراپ باقايلىمۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان خاتا ئۈستىگە خاتالىرى بىلەن اللەنىڭ ھۆكمىگە ئەمەس، ئۆزلىرى ئەگەشكەن ئۆلىمالىرىنىڭ نامى بىلەن ئورتىغا چىقىپ قالغان ھۆكۈملەردە سۆرۈلۈپ يۈرگەن بىچارەلەر قانچىلىك ھەقلىق؟ خەلق ۋە ھەربىر شەخىس بۇ جەھەتتە قانداق قىلىشى كېرەك؟ قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن «قۇرئاندىن نەزەر» پروگراممىسىنىڭ 52-سانى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە نەق مەيدان تارقىتىشى بىلەن دىققىتىڭلاردا بولۇدۇ.
ئالدىمىزغا چىقىپ رەددىيە بېرەلمەيدىغان؛ ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان؛ ئەمما، كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئەيىپلەشتە بەسلىشىدىغانلارغىمۇ ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. قورقماڭلار! ئۆزۈڭلارغا ۋە ئىتىقادىڭلارغا ئىشەنچىڭلار بولسا، ھەقنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار!
دەپ - خالىس خىزمەتلەرى بىرلە: پىدائىيلار ئېكرانى

Пікірлер: 1

  • @husame3270
    @husame327019 күн бұрын

    YERLERİN VE GÖKLERİN VE HERŞEYİN SAHİBİ YÜCE ALLAH CC ALLAH CC YARDIMIYLA DOĞU TÜRKİSTAN BAĞIMSIZ OLACAK

Келесі