Ilaxun (Kokkoz) oghli Yarullam dadisi heqqide...

(1866-1970)
ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە جاراڭلاپ كېلىۋاتقان:
تەلكىنىڭ داۋانىدىن،
كارۋان توختىماي ئۆتتى.
سۇلايمان يىغلىغان بىلەن،
ئېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى.
دېگەن ناخشىنىڭ ئىجادچىسى ئېلاخۇن(لەقىمى كۆككۆز)تەخمىنەن 1866 - يىللىرى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مۇقامچى تىلىۋالدى ئاخۇن ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1836-يىللىرى تۇرپاندىن 10 يىللىق سۈرگۈندىن خالاس بولغان خالزاتخان ئاخىرى تەيچىلىك مەنسىپىگە ئېرىشىپ، تۇرپاندىن ئىلىغا مېڭىش ۋاقتىدا قەشقەرلىك ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان(پەيزى)ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھېلىم ئاخۇن ھەم سېلىم ئاخۇنلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىغا ئېلىپ بارغان ۋە قازانچى مەھەللىسىگە ماكانلاشتۇرغان. موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازانچى مەھەللىسى بىر مەزگىل مۇقامچىلار مەھەللىسىگە ئايلانغان. تىلىۋالدى ئاخۇن ئاكا مۇقامنى ئەنە شۇ مەزگىلدە ھۈسىيىنخان پەيزىدىن ئۈگەڭەن ۋە 20 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدا كۆزگە كۆرۈڭەن مۇقامچىلاردىن بولۇپ قالغان. ئېلاخۇن ئەنە شۇنداق سەنئەت مۇھىتى ئىچىدە دۇنىياغا كېلىپ، دادىسىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسى بىلەن مۇقامچى بولۇپ يېتىشكەن. ئېلاخۇن مۇقامچىلىقتا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا دادىسى تىلىۋالدى ئاخۇن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئاىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ئۈستىگە يۈكلەڭەن ئېلاخۇن ئىش-ئوقەت بىلەن بولۇپ، بىر مەزگىل مۇقامچىلىقتىن قالىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مۇقام ئېيتىش ئورنىغا جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ، ئىلى رايونىدا داڭ چىقىرىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئىلىدا ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى خەلىق قوزغىلاڭلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ. ئېلاخۇن بۇنداق خەلىق قوزغىلاڭلىرىغا چوڭقۇر ھېسسىداشلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زۇلۇمغا قارشى كۆپلىگەن قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىدۇ. شۇنداق ئۇ ھەم قوشاقچى ھەم ناخشىچى بولۇپ تونۇلىدۇ. ئۇ شۇ مەزگىللەردە:
قەشقەردىن ئادەم چىقسا،
تۇتىدۇ چىقىپ چىرىك.
ئۇقماستىن يېنىپ قويسا،
كۆمىدۇ گۆرگە تىرىك...
دېگەڭە ئوخشاش جەڭگىۋار قوشاقلارنى تۈزۈپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇستەبىت كۈچلەر ئۇنى يوقىتىشنىڭ قەستىگە چۈشىدۇ. 1924-يىلى زالىم ياڭ زېڭخىن ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئىلغار كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ قاتاردا ئىلىدىن ئېلاخۇن ۋە ئۇنىڭ دوستى سۇلايماننى تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە پالاپ، ئۈرۈمچىدىكى جاڭجۈن يامۇلى ئالدىغا تۆمۈر قەپەزگە سېلىپ ئېسىپ قويىدۇ.
1928-يىلى 7-ئىيۇل ياڭ زېڭخىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ھاكىمىيەت بېشىغا جىڭ شۇرەن چىققاندىن كېيىن، ئېلاخۇن تۈرمىدىن چىقىپ، تېكەسكە كېتىدۇ ۋە ئۇ يەردە يەر ئېچىپ، باغ بىنا قىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ.

Пікірлер: 21

  • @user-sk1sg3wd5p
    @user-sk1sg3wd5p10 ай бұрын

    АЛЛА РАЗЫ БОЛСУН!!! ЯТКАН ЕРИНИЗ ЖАНАТТА БОСУН.АМИН. 🤲🤲🤲🤲🤲🤲🤲

  • @user-dv3xj7vf2u
    @user-dv3xj7vf2u2 жыл бұрын

    Рахмат кичик дада, ватан бизнин есимизда. Алла буйурса АЗАТ болумиз. Корунган таг жирак амас.

  • @user-fy9ue9wk4b
    @user-fy9ue9wk4b10 ай бұрын

    Мой любимый бувака так скучаю и люблю как 3 года тебя нет с нами😭😭😭😭

  • @anvarkhamra4054

    @anvarkhamra4054

    9 ай бұрын

    Я его видел 5 лет назад на похоронах моего друга Марупа Кажамбердиева в г Талгар Значит он ушёл из жизни 3 года назад Соболезную всем его родственникам особенно внуку который назвал его любимым видимо он этого достоин и на том свете находятся в Раю Аминь Аллах Акбар!

  • @anvarkhamra4054
    @anvarkhamra40542 жыл бұрын

    Умютиниз яр болсун Худаимдин сораймиз!

  • @user-dh2ck2et4d
    @user-dh2ck2et4d2 ай бұрын

    Алла у дуниялиғини бәрсун амин ❤

  • @nijatiminov7907
    @nijatiminov790711 ай бұрын

    Өмриңиз ұзақ болсун!!!

  • @baronyastreb8053
    @baronyastreb80532 жыл бұрын

    Ярали акамниң ятқан йери юмшақ болсун! Роһи жəннəттə болсун аминь!

  • @user-rx7jo4ko8c
    @user-rx7jo4ko8c3 ай бұрын

    Яткан жаи Жанната имани елдаш болсун Амин

  • @user-xg6eo5nk9w
    @user-xg6eo5nk9w3 жыл бұрын

    Ярали тагамнин яткан ялири жаннатта болсун🙏🤲❤️

  • @talgatarzuev2593
    @talgatarzuev25932 жыл бұрын

    Уйғурстан ға азатлиқ!

  • @asanjansharipov7534
    @asanjansharipov75349 ай бұрын

    Илахун Коккоз халкимизниг батур кошакчи шахс

  • @nargizaniyazova2892
    @nargizaniyazova2892 Жыл бұрын

    Бечора халким Нима жапо уз Ватагина сигмой кижналгон оком Аллох жаннатладан жой ато килган булсин

  • @alme6901
    @alme69013 жыл бұрын

    Кандак.патриот.адям.болган. .бизнин.чон.дадимиз

  • @user-po1sp6il8f
    @user-po1sp6il8f8 ай бұрын

    🥺🥺🥺🥺❤❤❤❤

  • @anvarkhamra4054
    @anvarkhamra40542 жыл бұрын

    Если он умер в 1970году и прожил 104 года то он родился 1864 году

  • @hamrajanhetaxun2019
    @hamrajanhetaxun201910 жыл бұрын

    1934-يىلى 11-ئايدا ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا سەناىي نەفىسە تەشكىللىنىدۇ. سەناىي نەفىسىگە ئىلى رايونىدىكى ئاتاقلىق ناخشىچى، مۇقامچى، سازەندىلەر قاتارىدا ئېلاخۇنمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇ بىر مەزگىل ناخشا ئۇستازى سۈپىتىدە ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى "ئون ئىككى مۇقام"نىڭ ھۈسىيىنخان پەيزى تارقاتقان نۇسخىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. شۇنداق كۈنلەردە زالىم شەڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە تۇتقۇن قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشلەر ئەۋج ئالىدۇ. نەتىجىدە ئېلاخۇن تېكەسكە چىقىش باھانىسى بىلەن سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە يۇرتى ئىلىغا قايتىپ كېلىپ 1962-يىلىغىچە ئىلىدا ياشايدۇ. 1962-يىلىنىڭ ئاخىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن يەنە سوۋېتكە كېتىپ، 1970-يىلى 104 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ناخشا-مۇقام ۋە قوشاقچىلىققا بېغىشلىغان ئېلاخۇن ئاكا گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مۇقام، ناخشا-قوشاقلىرى خەلىق ئارىسىدا مەڭگۈلۈك جاراڭلىماقتا.

  • @anvarkhamra4054

    @anvarkhamra4054

    9 ай бұрын

    Спасибо большое за информацию об истории жизни Великих уйгурских людей Желаю дальнейших рассылок автора Браво санияткарм Аминь яткан ери жяняткя лаик!

  • @user-bu7lw2qk7e
    @user-bu7lw2qk7e10 ай бұрын

    Ajaip sohbat !!!

  • @anvarkhamra4054
    @anvarkhamra4054 Жыл бұрын

    Бу адям хазир хаятму?

  • @MisterX904

    @MisterX904

    9 ай бұрын

    Яқ,мәрһум