10/5/2024 خىتاي 12 دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى كېڭەيتىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر
جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن
ئامېرىكادىكى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىش ھەم قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان. بۇ گۇرۇپپا كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى دېرىكتورى ئېلىسا ماسسىمىنو ۋە ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان سكوت بۇسبى نىڭ باشچىلىق قىلىشى ۋە قانۇن فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئامېرىكادىكى مۇساپىرلار ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىدارىنىڭ خىزمەتلىرى ئاستىلاپ كەتكەن بىر ئەھۋالدا، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنى تېزرەك ھەل قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت باشلىغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان.
تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تەكلىپى پارلامېنتتا رەت قىلىنغان
تۈركىيە سائادەت پارتىيىسى ۋە كېلەچەك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ بېكىتىشى توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. سائادەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپىىسى باياناتىدا: «سائادەت ۋە كېلەچەك گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېنىقلاش ئۈچۈن ئومۇمىي مۇزاكىرە ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.» دېيىلدى.
ئامېرىكانىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئالاھىدە ئەلچىسى: خىتاي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالاقە مەركىزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى جېيمېس رۇبىن خىتاينىڭ ھەر دائىم ئامېرىكانىڭ يامان خەۋەرلىرىنى تارقىتىپ، خىتاينى ماختايدىغان تەشۋىقاتلارنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ يەنە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ئىچكىي كابىنېت يىغىنىدا ‹ئۇيغۇرلارغا قىلچە رەھىم قىلماسلىق› دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. خىتاي رەھبەرلىرىمۇ بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قوللىنىدىغان ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نېمىشقا پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكنى بىلمەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟ چۈنكى خىتاي ئۆز ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا دۇنياغا تارقىتىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشتىن ئۆلگۈدەك قاچىدۇ. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپادىكى يىغىنلارغا بېرىشى ۋە تاراتقۇلاردا گەپ قىلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ھەر دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بۇنداق يىغىننىڭ ئېچىلىشىغىمۇ كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلىدۇ».
ئوربان خىتاينى «يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ تەسۋىرلىدى
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىتكور ئوربان 9-ماي بۇداپېشتتا زىيارەتتە بولغان خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى باياناتىدا، خىتاي بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى سانائىتى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوربان ۋېنگرىيە پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى» دېدى. ئوربان يەنە ۋېنگىرىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىدا خىتايدا ئىشلەنگەن توكلۇق ماشىنىلارنىڭ تاموژنا بېجى تەييارلىقى
ئامېرىكىدا بايدېن ھۆكۈمىتى كېچىككەندىمۇ كېلەر ھەپتە خىتاي تاموژنا بېجى ھەققىدە يېڭى قارار چىقىرىشقا تەييارلىق قىلماقتا. بىلۇمبېرگ بىلەن سۆھبەتلەشكەن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار مەنبەلەرگە قارىغاندا، جو بايدىن خىتاينىڭ ھالقىلىق ساھەلىرىنى نىشان قىلغان تاموژنا بېجىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ يېڭى تاموژنا بېجى دائىرىسىگە خىتايدىن كەلگەن توكلۇق ماشىنا، باتارېيە ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق مەھسۇلاتلار كىرىدكەن.
خىتاي 12 دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى كېڭەيتىدۇ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپادىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا 12 دۆلەت پۇقرالىرىغا 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىزاسىز كىرىش ھوقۇقىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، مالايسىيا، شىۋىتسارىيە، ئېرلاندىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋىستىرىيە، بېلگىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ پۇقرالىرى 2025-يىلى 31-دېكابىرغىچە ۋىزا ئالماي خىتايغا بارالايدىكەن.
#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur

Пікірлер: 5

  • @gult6862
    @gult686211 күн бұрын

    Hawar güzal ,Amerika güllansun🫡🫡🫡

  • @user-dh2ck2et4d
    @user-dh2ck2et4d11 күн бұрын

    Раст дәйсиз

  • @abliztohti6580
    @abliztohti658012 күн бұрын

    Kim san hawar okugan diktor?? Bilinglarki:-hitayning hakimiyat tuzulmisida "pirizinit"yok! "Rais" diyilidu !?xunga hawarni soz-atalgularni, togran jayida ixlitinglar?!?!

  • @sanane1542

    @sanane1542

    12 күн бұрын

    Abliz Tohti, hotundin korkti. Baxkilarga Qiraylik gap kil…

  • @gult6862
    @gult686211 күн бұрын

    Hittay iktisatdin qikingandin kiyin weyzisiz kiliwitiptu-da dot hittay🤛🤛🤛

Келесі